غايىمىز: مەدەنىيىتى، تىلى، دىنى ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغدىيالايدىغان، ئۇلارنى ياشنىتىپ ۋە بېيىتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان، پىكىرى، ۋىجدانى ۋە ئېرپانى ھۆر، ۋەتىنى، مىللىتى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان، ئىلمىي تەپەككۇر قىلىدىغان، ئىزدىنىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش روھىغا ئىگە، ئادالەت تۇيغۇسى يېتىلگەن ئاڭلىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ ياراملىق ئەزاسىغا ئايلىنىشغا تۆھپە قوشۇش.